Uyghur主要词典
ئىبنى رۇشىد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ ۋەلىد مۇھەممەد ئىبنى رەشىد، 1126 - 1198) ئىسلام پەيلاسوپى. لاتىنچە ئىسمى ئاۋېرروئىس. ئىسپانىيىنىڭ كورۋاد شەھىرىدىكى قازى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1153 - يىلى ماراكەشكە بېرىپ ئىبنى تۈفەيلنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، قەدىمكى گرىك پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى. سېۋىللا ۋە كوردوۋاغا قازى بولدى. 1182 - يىلى ئىبنى تۈفەيلنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مۇۋەھھىد سۇلالىسىنىڭ ئوردا دوختۇرى ۋە كوردوۋانىڭ باش قازىسى بولدى. 1194 - يىلى ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن سۈرگۈن قىلىنىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىندى. ماراكەشتە ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبنى رۇشىد ۋەھىيدىن ئۆزگە جىمى شەيئىلەر ئىدراكنىڭ ھۆكۈمىنمى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئىنساندىكى پاسسىپ ئىدراك شەخسكە مەنسۇپ بولۇپ، دۇنيانى تونۇش ئىمكانىيىتىنىلا بېرەلەيدۇ، ئاكتىپ ئىدراك ئاللانى مەنبە قىلىپ، تونۇشنى رېئال ئىقتىدارغا ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ قارىدى. <ئىككى ياقلىمىلىق ھەقىقەت> تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ۋەھىي بىلەن پەلسەپە ۋە لوگىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلدى ھەمدە ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. <زىددىيەتنىڭ زىددىيىتى>، <پەلسەپە بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. ئارىستوتىلنىڭ <ئومۇمىي ئەھۋال>، <مەزمۇن>، <ئىزاھات>، <تېببىي پرىنسىپ> قاتارلىق ئەسەرلىرىگە ئىزاھات بەردى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى يەھۇدىي پەلسەپىسىگە ۋە خرىستىئان سىخولاستىك پەلسەپىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. بۇرۇنقىلار تەرجىمە قىلغان ۋە ئارىستوتېلنىڭ دەپ خاتا تونۇلغان يېڭى ئەپلاتونىزم ئەسەرلىرى بىلەن ئارىستوتېلنىڭ ئەسەرلىرىنى پەرقلەندۈردى ۋە ئارىستوتېل ئەسەرلىرىگە ئىزاھات بەرگۈچى نام بىلەن داڭق چىقاردى.