Uyghur主要词典
ئىبنى قاسىم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
فەقىھ. مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ قولىدا فىفھەنى 20 يىل تەتقىق قىلدى. ئىمام مالكنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك شاگىرتى ھېسابلىنىدۇ. ياشلىق ھاياتىنىڭ قانداق قانداق ئۆتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇستازى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مالىكىيەنىڭ تەرغىباتچىسى، دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئىبن قاسىم ئۇستازىنىڭ ھۆكۈملىرىگە ۋە رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن، فىقھەگە دائىر ئەسەرلەرنىڭ تۇنجى توپلىمى - <ئەل مۇۋەتتە> نى رەتلەپ تۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ مالىكىيە توغرىسىدا يازغان <مۇدەۋۋانە> ناملىق ئەسىرى بۇ مەزھەپ رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.