Uyghur主要词典
ئىبنى ھىشام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان ئادەم. مىسىردا دۇنياغا كەلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئائىلىسى بەسرەدىن كۆچۈپ كەلگەنىكەن. بۇ زات ھاياتىنى مىسىردا ئۆتكۈزدى. فۇساتتا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبنى ئىسھاقنىڭ شاگىرتى، كۇفەلىك زىيادە بىننى ئابدۇللا ئەل بەككائى (؟ - 799) نىڭ قولدا ئىبنى ئىسھاقنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى رىۋايەت ماتېرىيالى - <سىرات رەسۇللاھ> نىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئىككى تومىنى قىسقارتىش ئارقىلىق، <كىتاب سىرات رەسۇلىللاھ> قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. قۇرئان ۋە ھەدىسلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاپ <كىتاب ئەل تىجەت> قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.