Uyghur主要词典
ئىبىن سىنا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ ئەلى ھۈسەين ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى سىنا، لاتىنچە ئاۋىسېنا دېيىلىدۇ، 980 - 1037) ئىسلام پەيلاسۇپى، تىۋىب، بۇخارادا دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن ئوقۇشقا بېرىلىپ، مەشھۇر ئۇستازلاردىن پەلسەپە، لوگىكا، تېبابەتچىلىك ۋە ئىلمىي فىقھە ئۆگەنگەن. 10 ياشقا كىرگەندە <قۇرئان كەرىم> نى يادىلاپ بولغان. 17 يېشىدا سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقى ئۈچۈن ئوردا قىرائەتخانىسىغا كىرىپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىغان. كېيىن خارازمگە بېرىپ تەتقىق قىلىش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھەمەدانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، سۇلتان تەرىپىدىن ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي نەزەربەنت قىلىنغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىسفاھاندا ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان ئالەمدىن ئۆتكەندە ھەمەدانغا دەپنە قلىنغان. پەلسەپە ئىدىيىسىدە فارابىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەپلاتون، ئارىستوتېل ئىدىيىسىنى ۋە يېڭى ئەپلاتونىزمنى بىرلەشتۈرگەن. ماددىي دۇنيا ئاللاھىدىن تېشىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ؛ ئىنسان روھىنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ، ئاخىرى بولمايدۇ. ئىلىم - پەن ئارقىلىق دۇنيانى ئاخىر تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن پەلسەپە ئوخشاش ھەقىقەت ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ئىسلام پەلسەپىسىگە ۋە خرىستىئان سخولاستىك پەلسەپىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن، غەززالى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئىبن سىنا <ئەل قانۇن فىت تىب>، <ئىلىم توغرىسىدا>، <ھىدايەت ۋە تەپسىر كىتابى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.