Uyghur主要词典
ئىبنى تەيمىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەقىييۇددىن ئەھمەد ئىبنى تەيمىيە، 1263 - 1328) ھەنبەلىيە ئىلمىي فىقھەسىگە مەنسۇپ مۇفەسسىر. مىسۇپوتامىيىدىكى ھەرراندا دۇنياغا كەلگەن. 1268 - يىلى دەمەشىققە كۆچۈپ باردى. كىچىكىدىن دىنىي بىلىم ئوقۇدى. كېيىن تاغىسى ئاچقان ئىبنى ھەنبەلى ئىلمىي فىقھە مەدرىسىدە مۇددەرىس بولدى ھەمدە ئاشۇ ئىلمىي فىقھەنىڭ ئىمامى بولدى. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىنى ئىجرا قىلىپ، ھەنبەلىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئادىمى بولدى ھەمدە بۇ ئىلمىي ئېقىمنى سۈرىيىدە گۈللەندۈردى. <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس ۋە ئۆرپ - ئادەتتىن باشقا ھەرقانداق نوپوزغا ئىشەنمىدى. دىندا ھەرقانداق يېڭىلىق تېۋىنىشقا، پەيغەمبەر قەبرىسىگە تېۋىنىشقا، قەسەم ئېچىشكە قارشى تۇردى. 1299 - يىلى قاھىرەنى ساياھەت قىلغاندا ئاللانىڭ سۈپىتىگە جاۋاب بېرىش مەسىلىسىدە شافىئىييە مەزھىپىدىكى فەقىھلەرنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويغانلىقتىن، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىماملىقتىن قالدۇرۇلدى. 1305 - يىلى سۈرىيىدىكى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ دەھرىلىك قىلمىشلىرىغا رەددىيە بېرىپ، قاھىرەدىكى مەھكىمە شەرئىدە سوراققا تارتىلىپ، سۇلتان مەملۈك تەرىپىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىندى. كېيىن دىنىي چۈشەنچە تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۈرمىگە سېلىندى. ئىبنى تەيمىيە <قۇرئان كەرىم> تەپسىرىگە قاتتىق، توغرا بولۇش تەلىپىنى قويدى. ھەدىسنى تەتقىق قىلدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەلسەپە، ئەخلاق، ئېتىكا ۋە ھەدىس توغرىسىدا 500 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. بۇلاردىن ھازىرغىچە 64 خىلى ساقلىنىپ قالغان. 18 - ئەسىردىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ھەنبەلىيەگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋەھھابىيە بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئىبنى تەيمىيەنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييىم (1292 - 1350) نىڭ ئەسەرلىرىنى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي قىلدى.