Uyghur主要词典
ئىبلىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەيتان؛ ھىيلىگەر، ئالدامچى:
بۇ يول ئازغۇرغۇچى كۆرگۈزسە تەلىبىس،
ئەجەب يوقدۇركى يولدىن ئازسا ئىبلىس.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئازدۇرغۇچ، شەيتان؛ ئالدامچى، ھىيلىگەر، قۇۋ: ئىبلىس شۇئار - شەيتان سۈپەت؛ ھىيلىگەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي ئەقىدىلەر، چۆچەكلەردە دېيىلىدىغان ئادەمنى ئازدۇرىدىغان، ئادەمگە زىيانداشلىق قىلىدىغان مەخلۇق.
جىن قورققاننى قورقۇتىدۇ. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. شەيتاننىڭ پەيلى. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە. شەيتانغا بارمىقىڭنى بەرسەڭ، قولۇڭنى تارتار. ئۇ خۇداغىمۇ ئىشىنىدۇ، ئالۋاستىغىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەل نەزەرىدە ئايال ئەمەس پەرىشتە، ئۆيدە ھازازۇل جېدەل تېرىشتا. ئۆتكۈن ئۆتتى دېگەن گەپنى خېلى ئاڭلدىن. بالىنى قورقۇنچاق ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى«ئەسكى ئادەم» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا «شەيتان»، «ئالۋاستى»، «يالماۋۇز» شۇنداق دېيىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنىشىچە، ئىبلىسنى ئاللا ئوتتىن ياراتقان بولۇپ، ئۇ جىن بىلەن بىر تۈرگە مەنسۇپ. ئاللا ئىنساننىڭ ئەجدادى ئادەمنى يارىتىپ، پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇدى. پەرىشتىلەر سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىس سەجدە قىلىشقا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللا ئۇنى ئاسىيلىقتا ئەيبىلەپ جازالىدى. ئاللادىن مەغىپرەت قىلىشنى تىلىدى. ئاللا قىيامەت سورىقىدىن كېيىن، ئۇنى دوزاخقا سېلىپ جازالايدىغان بولدى. جازا كېچىكتۈرۈلگەن مۇشۇ ئارىلىقتا ئىبلىس ھەممە يەرگە قاتراپ ئاللادىن قورقمايدىغان ئادەملەرنى گۇناھ سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. قىيامەت قايىم بولغاندىلا ئىبلىسمۇ سوراققا تارتىلىپ، گۇناھكارلار بىلەن بىللە دوزاخقا چۈشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي چۈشەنچىدە ئادەملەرنى يولدىن ئازدۇرىدىغان، يامان يولغا باشلايدىغان رەزىل مەخلۇق؛ شەيتان.
<ئەنە شۇ كىشىمۇ مېنىڭ قىزلىق، ئۇيقۇسىز كېچىلىرىمنىڭ ئىبلىسى بولغانىدى؟> دەپ ئويلىدى رازىيە.
كۆچمە. قەبىھ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىنتايىن ھىيلىگەر، مەلئۇن، لەنىتى، ساختىپەز (يامان ئادەم ھەققىدە).
ئۇلار ھاراقنى بوتىلكىسى بىلەنلا ئاغزىغا قۇيۇپ ئىچىۋىرىپ، مەست بولۇپ ئىبلىسقا ئوخشاپ قالدى.