Uyghur主要词典
ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى قەدىمكى زامان دۇنياسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي ئىمپېرىيىلەرنىڭ بىرى. بۇ ئىمپېرىيە تگر ۋە ئېفرات دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى612 - يىلى يىمىرىلگەن، مەۋجۇت بولغان ۋاقتى100 يىلغا يەتمىگەن.
ئاسسۇرىيىلىكلەر ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىدىكى ئېگىزلىكتە چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋردە، ئاسسۇرىيىلىكلەرگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاككاد، سۇمېر، ئامورى، خىتتىت قاتارلىق مىللەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى14 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، ئەتراپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر (بابىلۇن، خىتتىت) ئارقا - ئارقىدىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقاچقا، ئاسسۇرىيە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ھەربىي توقۇنۇشتا، ئاسسۇرىيە ئۆزىنى پەيدىنپەي بىر غايەت زور ئۇرۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرغان. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى9 - ئەسىردىن باشلاپ ئاسسۇرىيىلىكلەر تۆمۈردىن ياسالغان جەڭ قوراللىرىنى زور مىقداردا قويۇشقا باشلاپ، دائىمىي ئارمىيە قۇرغان، مەنچاناق ۋە سېپىل تەشكۈ قاتارلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان قورال - جابدۇقلارنى كەشىپ قىلغان ھەمدە ھارۋىلىق قوشۇن، ئاتلىق قوشۇن، ئېغىر قوراللانغان پىيادە قوشۇن، يېنىك قوراللانغان پىيادە قوشۇن، شەھەرگە ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇن، قورال - ياراغ توشۇغۇچى قوشۇن قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي ئەسكەر تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەينى زامان دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي تۈزۈلمە ۋە قورال - جابدۇقلارغا ئىگە قوشۇننى قۇرۇپ چىققان. تىگىلات پىلېسېر Ⅲ دەۋرى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى746 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى727 - يىللار) دە، ئاسسۇرىيە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ بابىلوننى گۇمران قىلغان، غەربتە سۈرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، مەشھۇر تارىخىي شەھەر دەمەشقنى ئىشغال قىلغان. ئۇنىڭ ۋارىسلىرى سارگون Ⅱ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى721 - يىللاردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى705 - يىللار)، سېناخېرىب (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى704 - يىللاردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى681 - يىللار) ۋە ئىساخىدېن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىسرائىلىيە، مىسىرنى يوقىتىپ بابىلوننى قايتا بوسۇندۇرۇپ، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ھالقىغان غايەت زور ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىققان.
ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسى پۈتۈنلەي قانلىق ئىستېلا ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئىستېلا قىلىنغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە قارىتا ۋەھشىيانە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىق يولغا قويۇلغان. ئالايلۇق، ئاسسورىيە قوشۇنى دەمەشقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئادەم بېشىدىن كىچىك تاغ ياسىغان، زور تۈركۈمدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە ئاددىي پۇقرالار دەھشەتلىك جازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن، قالغان پۇقرالار ئاسسۇرىيىلىكلەرنىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى612 - يىلى يېڭى بابىلون ۋە مىدىيە بىرلەشمە قوشۇنى ئاسسورىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى نىنىۋىيىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە نىنىۋىيىدە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيە ھالاك بولغان.
ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ھەربىي ئىستېلا ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ئىنتايىن ئاز ئىدى. لېكىن ئىمپېرىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئاسسۇر بانىپال نىنىۋىيە شەھىرىدە بىر كۇتۇپخانا سالدۇرغان، بۇ كۇتۇپخانىدا22 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شىنا مىخ يېزىق ئويۇلغان لاي تاختا ساقلانغان. نىنىۋىيە شەھىرى ۋەيران قىلىنغاندا لاي تاختىلار خارابە ئىچىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن، بۇ لاي تاختىلار19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن تېپىلىپ، كېيىنكىلەرگە بىر تۈركۈم ئىنتايىن قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى تىگر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى رايونىدا ئاسسۇر شەھىرىنى قۇرغان، بۇ، ئاسسۇرىيىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، كىچىك ئاسىيا (ھىتت) رايونىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ بارا - بارا قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرىغا قاراپ كېڭەيگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅥ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅩⅤ ئەسىرگىچەبىر مەھەل مىتاننى دۆلىتى (خۇرىتلار قۇرغان) نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا مىتاننى دۆلىتى ھىتتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاجىزلاپ كېتىپ، ئاشۇر ئۇبالىت Ⅰ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1365 - 1330) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىتاننىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىتاننى، كاسسىت بابىلون ۋە شىمالدىكى ئۇرارتۇنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردە، ئرامې ئانسلار كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاسسۇرىيىنى بۆلۈنۈش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ھەر خىل كۈچلەر ئارقا - ئارقىدىن ئاجىزلاپ، ئاسسۇرىيە قايتىدىن گۈللەنگەن.ئاسسۇرناسىرپال Ⅱ ۋە سالمانېسسر Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 858 - 824 يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرلىرىدە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيە ئەتراپىنى بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅸ ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىرگىچە ئاسسۇرىيە تۆمۈرقورال دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تىگلات پىلېسېر Ⅲ ۋە سرگون Ⅱ دەۋرىگىچە ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان؛ زېمىنى شەرقتە ئىران ئېگىزلىكىگە، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز ( شۇنىڭدىن كېيىنكى ئاسارخاددون دەۋرىدە مىسىرغىچە يېتىپ بارىدۇ) غا، شىمالدا كاپكاز، جەنۇبتا پېرسىيە قولتۇقىغىچە تۇتىشىپ، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي شىمالىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور ھەربىي ئىمپېرىيىنى شەكىللەندۈرگەن، نىنېۋې پايتەخت قىلىنغان، مەملىكەت ئىچىدىكى سىنىپىي زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە بويسۇندۇرۇلغانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن. مىلادىدىن 626 يىل ئىلگىرى كالدېئانلار (نابوپولاسسار) بابىلوننى ئىگىلىۋالغان ھەمدە شەرقتىكى مېدىيە بىلەن ئاسسۇرىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. مىلادىدىن 612 يىل ئىلگىرى مېدىيە بىلەن كالدېئان بىرلەشمە ئارمىيىسى نىنېۋېنى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن 605 يىل ئىلگىرىكى كاركېمىس جېڭىدە ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئاخىر ھالاك بولغان. ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتى سۇمبر، بابىلون مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. قەدىمكى پايتەخت نىنېۋې خان ئوردىسى كۇتۇپخانىسىدا كۆپلىگەن مىخ يېزىقلىق سېغىز بەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلار دىنىي رىۋايەتلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئاسترونومىيە ۋە تىبابەتچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ، ئاسسۇرىيە ۋە مېسوپوتامىيە رايونلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.