Uyghur主要词典
ئاسرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىمايە قىلىپ، تاجاۋۇزغا، زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتماسلىق.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن. ھەقىقەتنى قوغدىغان ئاھ ئۇرمايدۇ. مېۋە ئالاي دېسەڭ، چېچىكىنى ئاسرا. ئۆلۈككە يىغلىما، تىرىكنى ئاسرا. ھۆرمىتىڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا. ئايىساڭ ئۆتىسەن، يامىساڭ پۈتىسەن. كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۆزۈڭنى خار قىلما. ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىڭنى مۇھاپىزەت قىل. يىگىت بولساڭ، ئاجىزلارنى مۇھاپىزەت قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قوغدىماق، ئايىماق، ساقلىماق.
ئاسرىساڭ، كۈندە يېڭى كىيىم، ئاسرىمىساڭ، كۈندە كونا كىيىم (ماقال).
ئۆز قارمىقىغا ياكى پەرزەنتلىككە ئېلىپ تەربىيىلىمەك؛ باقماق.
تۇرغۇن كىچىكىدىلا ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدا بەختىئاخۇن ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى ئاسرىۋالغانىدى.
كۈتمەك، كۆيۈنمەك.
ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا (ماقال).
ئۇ بالىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ياشلارنىمۇ بەك ئاسرايدۇ.