Uyghur主要词典
ئاسساملار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئاسسالاملار ئۆزلىرىنى <ئاخوملئانلار>،<ئاسسامىيانلار>دەپمۇ ئاتىشىدۇ.ئاسساملار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئاسسام شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 14 مىليون 625 مىڭ.
ئاسساملار موڭغۇل ئىرقى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارلاشما تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاسسام تىلىنى،بېنگال يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئاسساملارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كېۋەز، پۇرچاق، كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.توقۇمچىلىق ، كۇلالچىلىق قاتارلىق قول - ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ بىر قەدەر راۋاج تاپقان.
ئاسساملار ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاسساملار ئەجدادلىرى تەخمىنەن مىلادى Ⅳ ئەسىردە كاما - روپا قاتارلىق بەگلىكلەرنى بەرپا قىلغانⅩⅢئەسىرگە كەلگەندە، بىرمىدا ياشىغۇچى تايلارنىڭ بىر تارمىقى ئاخۇملار كاما - روپا بەگلىكىنى ئىستىلا قىلىپ ئاخۇم دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلار دراۋېد، ئارىئان، موڭغۇل، زاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۆزئارا قوشۇلۇش ئارقىلىق ھازىرقى ئاسسام مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئاسساملار ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن مىللەت، قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاسسام شىتاتىنىڭ ھىندىستاندىكى <ئىرقىي مۇزېي>دەپ داڭقى بار، شۇڭا مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا پەرقلىنىدۇ.
ئاسساملارنىڭ ئەڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى - بىخۇ (باھار)بايرىمى بولۇپ، بۇ ھىندى كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 1 - ئاي (مىلادى 4 - ئاي) دا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاسساملارنىڭ يىڭى يىل بايرىمى ياكى نورۇز بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايرام بەزى جايلاردا ئۈچ كۈن، بەزى جايلاردا بىر ھەپتە، بەزى جايلاردا بىر ھەپتە، بەزى جايلاردا بىر ئاي داۋام قىلىدۇ. بايرام كۈنلىرى ئاسسام يىگىت - قىزلىرى زوق - شوخ بىلەن بىخۇ ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ ۋە قوشاق ئېيتىشىش مۇسابىقىسى، ئۆكۈز ئۈسۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بايرامنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى دېھقانلار ئۆكۈزلىرىنىڭ مۈڭگۈزىنى بوياپ، دەريا، كۆل بويىغا ئاپىرىپ يۇيۇندۇرىدۇ، ئاندىن تويۇندۇرىدۇ ۋە ئۆكۈز قوتىنىنى تازىلاپ ئالدىغا گۈلخان ياقىدۇ....
ئاسساملارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ناخشا - قوشاقنى ئاساس قىلغان؛يازما ئەدەبىياتىⅩⅢ ئەسىردىن تارتىپ شەكىللەنگەن بولۇپ، <بېرھېرات تەزكىرىسى> ئاسسام تىلىدىكى تۇنجى يازما ئەدەبىي مىراس ھېسابلىنىدۇ.
ئاسساملار قىزىل رەڭنى بەخت - سائادەت ۋە ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئالاھىدە ئەزىزلەيدۇ، شۇڭا ئاسسام قىزلىرى يوپكىسنىڭ جىيەكلىرى قىزىل بولىدۇ، ئاياللىرى پىشانىسىگە قىزىل خال چېكىۋالىدۇ، يىگىتلىرىمۇ بېشىنى قىزىل چېتىقى بار ياغلىق بىلەن چېگىۋالىدۇ.