Uyghur主要词典
ئاسسۇربانىپال
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 626) ئاسسۇرىيە پادىشاھى ( تەخمىىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 668 - 626). ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، داۋاملىق تاشقى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 662 يىل ئىلگىرى مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى تېبېسنى ۋەيران قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 646 يىل ئىلگىرى بابىلون شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، يۈز ئۆرىگۈچى ساماسسىئۇمڭكىن (ئاسسۇربانپالنىڭ ئىنىسى) نى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 639 يىل ئىلگىرى شەرقىي قوشنىسى ئېلامنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ پايتەختى - سۇسانى تالان - تاراج قىلغان ۋە ۋەيران قىلغان. يەنە سۈرىيە ۋە فىنك قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپ، ئاسسۇرىيە ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا تۇرغۇزماچى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاپ كەتكەن. ئوردا - ساراي سالدۇرغان، چېركاۋلارنى رېمونت قىلدۇرغان. مەشھۇر <ئاسسۇربانىپال كۇتۇپخانىسى> نى بىنا قىلدۇرغان. بۇ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىنىۋىيە خان ئوردىسىنىڭ خارابىسىدىن قېزىپ چىقىلغان، ئۇنىڭدا 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ دىنىي رىۋايەت، ئەدەبىي ئەسەر قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاسسۇرىيە ھەمدە مېسوپوتامىيە رايونلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.