Uyghur主要词典
ئاسسوتسىئاتسىيىلىك سەزگۈ
پسىخولوگىيە
بىر خىل سەزگۈ باشقا بىر خىل سەزگۈنى ھاسىل قىلىدىغان پسىخىكىلىق ھادىسە. مەسىلەن: رەڭ سەزگۈسى كۆپىنچە ئاسسوتسىئاتسىيىلىك سەزگۈ ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق رەڭ كىشىدە ئىسسىقلىق، چوڭقۇرلۇق ۋە يىراقلىق سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ. كىچىك ئۆينى چوڭ ئۆيدەك ھېس قىلدۇرىدۇ. كۆك، سۆسۈن، يېشىل رەڭ كىشىگە سالقىنلىق، تېيىز ۋە يېقىنلىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئاسسوتسىئاتسىيىلىك سەزگۈ ئىككى خىل ئانالىزاتور ئارىسىدا تۇرمۇش تەجرىبىسى بىلەن بەرپا بولغان ئالاھىدە باغلىنىشنىڭ نەتىجىسى. ئاسسوتسىئاتسىيىلىك سەزگۈ ھادىسىسى رەسىم سىزىش، بىناكارلىق، بوياقچىلىق، مۇھىتنى زىننەتلەش جەھەتلەردە دائىم قوللىنىلىدۇ.