Uyghur主要词典
ئاپپارات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش بېجىرگۈچى تەشكىلاتلار، خىزمەت ئورۇنلىرى.
<ئىدارە، مەھكىمە، باشقارما، بيۇرو> لار خىزمەت سىستېمىسى بويىچە تەسىس قىلىنغان مەخسۇس ئورۇنلار.
<ئاپپارات، ئورگان، مۇئەسسەسە> لەر مەۋھۇم تەشكىلاتلار بولۇپ، مەخسۇس ئورۇننى كۆرسەتمەيدۇ.
مالىيە ئىدارىسى. ۋالىي مەھكىمىسى. تەشۋىقات باشقارمىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى. ئاپپاراتلارنى ئىخچام، قوشۇننى خىل قىلىش كېرەك. يېڭى مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلدى. ئورگانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەسۋاب، مېخانىزم.
فوتۇ ئاپپارات، تېلېفون ئاپپاراتى.
ئىدارە، جەمئىيەت، تەشكىلات قاتارلىق خىزمەت ئورگانلىرى.
ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.