Uyghur主要词典
ئاپاق خوجا مازىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئورنى قەشقەردە بولۇپ، ئاپاق خوجا جەمەتىدىكىلەر مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مازار ئىچىدە 68 قەبرە بولۇپ، ھەممىسىگە رەڭلىك ساپال چاپلانغان. بۇ يەر ئەسلىي ئاپاق خوجىنىڭ دادىسى مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ مۇرىدى سېمىز يامەت سوپىنىڭ باغچىسى بولۇپ، يۈسۈف ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق _ تۇغقانلىرى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ياقۇببەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ( 1867 _ 1877 ) چوڭ گۈمبەز ياسالغان. گۈمبەزنىڭ تۈز يۈزىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 35 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 29 مېتىر بولۇپ، تۆت بۇلۇڭغا ئاستى توم، ئۈستى ئىنچىكە تەييارلانغان تۆت تۈۋرۈك قويۇلغان، تەكتىنىڭ دىئامېتىرى 3.5 مېتىر كېلىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 26 مېتىر كېلىدۇ. تۆت تال تۈۋرۈك دىئامېتىرى 17 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور گۈمبەزنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يۇمۇلاق تۈۋرۈك ۋە گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە يۇمۇلاق پەشتاقلار سېلىنغان. پەشتاقلارنىڭ ئۈستىگە ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا،ئېگىز مەسچىت، پاكار مەسچىت ( خانىقا ) مەسچىتى، كىچىك مەسچىت، يېشىل گۈمبەزلىك مەسچىت، مەدرىسە قاتارلىقلار سېلىنغان. ئىپارخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.