Uyghur主要词典
ئاپارماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېلىپ + بارماق
پىئېل
بىرەر نەرسىنى قاتناش قورالى بىلەن ياكى ئۆزى كۆتۈرۈپ تېگىشلىك ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بەرمەك؛ تاپشۇرماق.
ئانامنى يۈدۈپ دوختۇرغا ئاپاردىم.
باشلاپ، يول كۆرسىتىپ بىرگە بارماق.
- قەيەرگە بارماقچىدىلە چوڭ ئانا، مەن ئاپىرىپ قوياي.
تەگكۈزمەك، يېقىنلاشتۇرماق.
نېرىقى قورۇدىن چىققان بوۋاي ئالىقىنىنى قۇلىقىغا ئاپىرىپ: - نېمە دەيسىز. ھە، ھېساب چاتاق دەمسىز! - دېدى.