Uyghur主要词典
ئابېلارد
دۇنيا تارىخى
( 1079 - 1142) فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەيلاسوپى ۋە ئىلاھىيەتتىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ مەدرىس پەلسەپىسىدىكى نامچى بولۇپ، ئانسېلم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چىنلىق نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئېتىقادنى ئىدراك ئۈستىگە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، چىركاۋنىڭ نوپۇزىغا چېقىلىپ قويغان. ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ئىكى قېتىم بىدئەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ئۇ كرېننى موناستىرىغا قامىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئىلاھىيەتكە مۇقەددىمە>، <ھەق - ناھەق>، <ئازاب چېكىش تارىخىم> قاتارلىقلار بار.