Uyghur主要词典
ئاپپاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياللارنىڭ ھۈرمەت نامى.
« خانىم » ئوقۇمۇشلۇق ئاياللارنىڭ ئاتىلىشى.
باشقىلىرى ئۆزىگە قارىغاندا ئېرىنىڭ ھۆرمىتىدىن شۇنداق ئاتىلىدۇ. مىساللاردىن قاراڭ. « ئاپپاق » قۇمۇل شېۋىسى.
كىشىگە قىلغان ئىزادىن خانىم بىزار. قىرىق ئاغىچا ئاچتىن ئۆلۈپتۇ. غوجامنىڭ ئالماسلىقىنى بىلىپ، خېنىم تەگمەس بوپتۇ.
ئايال: كۆلگە چۆكۈپ كەتكەن فۇچۇننى قۇتقۇزىۋالغان سىزمۇ؟
ئەر: ھەئە، بانۇم.
ئايال: ئەمىسە، ئۇنىڭ بىر پاي پەلىيى قېنى؟
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
خانىم، ئاغىچا، ئاپپاي، ئايىم (بۇ سۆز ئەسلىدە ۋاڭ - غوجىلارنىڭ ۋەزىر - تۆرىلىرىنىڭ ئاغچىلىرىغا بېرىلىدىغان ھۆرمەت نام بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا چوڭ ياشلىق مۆتىۋەر ئاياللار ھۆرمەتلىنىپ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولۇپ قالغان).