Uyghur主要词典
ئاپتاپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سامانيولى سىستېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ بىرى.
قوياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى؛ يەر ۋە باشقا سەييارىلەر ئۇنى چۆگىلەپ ئايلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يورۇقلۇق ۋە ئىسسقلىق ئالىدۇ.
كۆيدۈرسىمۇ كۈن ياخشى. كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس. كۈن چىقسا كۈنگە، ئاي چىقسا ئايغا باق. پەقەت قوياشلا ھەممىنى تەڭ ئىسىتىدۇ. ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق، سۇنىڭ ئېقىشىغا. ئېشەكنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە قولۇڭنى ئىسىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قۇياش، كۈن.
ئاپتاپ چىقتى.
بىر كىشى ئەپەندىمدىن: <ئەپەندىم، ئاپتاپ ياخشىمۇ، ئايمۇ؟> دەپ سوراپتۇ.
قۇياش تارقاتقان نۇر، ئىسسىقلىق.
ئاپتاپ چاقتى.
- ۋۇي، ساۋۇت قارىي، يەنە مەيدەڭنى ئاپتاپقا قاقلاپ ئولتۇرۇپسەنغۇ؟
قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان، قۇياش نۇرى ئىسسىتىپ تۇرغان جاي.
مەن ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىدىم.