Uyghur主要词典
ئامىستېردام شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
روسىيە، فرانسىيە ۋە پرۇنسىيە بىر - بىرىنىڭ دومىنىئونىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 7171-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئىمالىغان شەرتنامە. شىمال ئۇرۇشى بىلەن بولۇپ كەتكەن روسىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قوللىشىغا جىددىي موھتاج بولغاچقا، بۇ شەرتنامىنى ئمىزالاش جەريانىدا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغان. سۆھبەت دەسلەپتە 1717-يىل 4-ئايدا پارىژدا باشلانغان، بۇ سۆھبەتكە ئىمپېراتور پېتېرمۇ بىۋاستە قاتناشقان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، روسىيە بىلەن پرۇسسىيە <ئوترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> (1713 - 1714) ۋە (راشتات شەرتنامىسى ) نى ئېتىراپ قىلغان. فرانسىيە ئالدى بىلەن <روسىيە - شۋېتسىيە سۈلھ شەرتنامىسى> نىڭ شەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە 1718 - يىلى قەرەلى توشىدىغان «فرانسىيە - شۋېتسىيە شەرتنامىسى» نىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغان. شەرتنامىدە يەنە شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامە فرانسىيىنى شىمال ئۇرۇشى ئاياغلىشاي دېگەندە بىتەرەپ مەيداندا تۇرغۇزغان، بۇ روسىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.