Uyghur主要词典
ئامىلازىلار
بىئولوگىيە
كراخمال (ياكى گلىكوگىن) دىكى گلىكوزىد بېغىنى گىدرولىزلايدىغان بىر تۈردىكى ئېنزىملارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۆت تۈردىن ئىككىسىنى بايان قىلىمىز: (1) a - ئامىلازا: كراخمال مولېكۇلىسىدىكى a - 1، 4 - گلىكوزىد بېغىنى بولۇشىغا ئۈزىدۇ، تارماق زەنجىرىدىكى a - 1، 6 - بېغى ۋە تارماقلانغان ئورنىغا يېقىن بولغان ئورۇندىكى a - 1، 4 - بېغىنى گىدرولىزلىمايدۇ، ئالدى بىلەن قىسقا زەنجىرلىك دېكسترىن ھاسىل قىلدۇ، يەنى داۋاملىق گىدرولىزلىنپ a - مالتوزا ۋە ئاز مىقداردىكى گلۇكوزىنى ياكى ئىزومالتوزىنى ھاسىل قىلىدۇ. (2) β ئامىلازا 1 : a، 6 - گلىكوزىد بېغىنى گىدرولىزلىماستىن پەقەت a - 1، 4 گلىكوزىد بېغىنى گىدرولىزلاپ، ئوكسىدسىزلانمايدىغان ئۇچىدىن باشلاپ رېتى بويىچە بىر مالتوزا مولېكۇلىسىنى كېسىدۇ. تۈز زەنجىرلىك كراخمالغا تەسىر قىلغاندا ھاسىلاتى پۈتۈنلەي مالتوزا بولىدۇ. تارماق زەنجىرلىك كراخمالغا تەسىر قىلغاندا ھاسىلاتى پۈتۈنلەي مالتوزا بولىدۇ. تارماق زەنجىرلىك كراخمالغا تەسىر قىلغاندا، تارماقلانغان تۈز زەنجىرلىك قىسمى گىدرولىزلىنىپ مالتوزىغا ئايلىنىدۇ، تارماقلانغان ئورنىنىڭ ئەتراپى گىدرولىزلانماستىن، ئەڭ ئاخىرىدا مەركىزىي دېكسترىن (ياكى لىمىت دېكسترىن دەپ ئاتىلىدۇ) قالىدۇ. a - ئامىلازا ھايۋانلارنىڭ شۆلگىيىدە، مالتوزىدا، چۆپ (خەشەك) تاياقچە باكتېرىيىسىدە ۋە قارا ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىدا بولىدۇ. β - ئامىلازا ئارپا ئۈندۈرمىسى، سويا پۇرچاق ۋە ئاز ساندىكى باكتېرىيىلەر ھەم زەمبۇرۇغلاردا بولىدۇ. چۆپ (خەشەك) تاياقچە باكتېرىيە 7658 BF, a - ئامىلازا ۋە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ قەنتلەشتۈرگۈچى ئېنزىم ياسالمىلىرى توقۇلغان نەرسىلەرنى شىلىمىدىن ئاجرىتىش ۋە مالتوزا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.