Uyghur主要词典
ئامىنو ئاتسىل سىنتېتازا
بىئولوگىيە
ATP synhetase نىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ھەر بىر خىل ئامىنو ئاتسىل - tRNA سىنتېتازا (مەسىلەن، تىروزىنو ئاتسىل - tRNA سىنتېتازا) مۇئەييەن ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئادېنو ئاتسىللىشىپ، ئامىنو ئاتسىل - ئادېنىلىك كىسلاتا - ئىنزىمىدىن ئىبارەت كومپلېكس بىرىكمە ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ كاربوكسىلىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاكتىپلاشقان ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن مۇئەييەن tRNA نىڭ بىرىكىپ ئامىنو ئاتسىل - tRNA نى ھاسىل قىلىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. ئامىنو ئاتسىل - tRNA ئاقسىل سىنتېزلىنىۋاتقان رىبوزومىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، mRNA دىكى كودوننىڭ كونتروللۇقىدا رەتلىك ھالدا يېڭىدىن ھاسىل بولغان پېپتىد زەنجىرىگە قاتنىشىدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى ئېنزىملار ئاقسىللارنىڭ بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.