Uyghur主要词典
ئامىنو قەنتى
بىئولوگىيە
تەركىبىدە ئامىنو رادىكالى بولغان مونوساخارىد. كۆپ ئۇچرايدىغىنى گلۇكوزامىن ۋە گالاكتوزامىن بىلەن ئۇرونىك كسىلاتا بىرىكىپ، بىر خىل يېپىشقاق پولى ساخارىد بولغان گىئالىن كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ بەدەندە ئەركىن ھالەتتە مەۋجۇت ياكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىدۇ. گلۇكوزامىن ئاتسېتىللىشىپ، ئاتسېتىللاشقان ھۈجەيرە پوستى قەنت كىسلاتاسى بىلەن β - 1، 4 - گلۇكوزىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىدۇ، ھەر ئىككى قەنت بىرلىكى ئالانىن، گلۇتامىك كىسلاتاسى، لىزىن، ئالانىندىن ئىبارەت تۆت پېپتىد بىلەن ئۇزۇنسىغا تۇتىشىدۇ، ئاندىن كېيىن بەش دانە گلىتسىندىن ئىبارەت بەش پېپتىد بىلەن توغرىسىغا تۇتىشىپ قەنتلىك پېپتىد زەنجىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنى پولى پېپتىد بىلەن ئارىلاپ بىرىكىپ، باكتېرىيە ھۈجەيرە پوستىنىڭ مۇھىم تەركىبى، يەنى ھۈجەيرە پوستىنىڭ مۇھىم تەركىبى، يەنى ھۈجەيرە پوست ماددىسى بولغان تۇتاش تۈزۈلۈشلۈك قەنت ئاقسىلىنى ھاسىل قىلىدۇ.