Uyghur主要词典
ئامىنو پېپتىدازا
بىئولوگىيە
ھايۋان توقۇلمىلىرىدىن: ئاشقازان، بۆرەك، ئۈچەي شىللىق پەردىسى، تال، تۆش بېزى، يۈرەك مۇسۇلىدا، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملاردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇ پېپتىد، ئاقسىللارنىڭ N - ئۇچىدىكى پېپىتىد بېغىنى گىدرولىزلايدۇ، يەنى بىر ئەركىن ئامىن رادىكالىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئامىدلىرىدىن ھاسىل بولغان پېپتىد باغلىرى بۇ ئېنزىم تەرىپىدىن گىدرولىزلىنىدۇ، ئەمما لېيتسىن، ھەقىقىي لېيسىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامىدلىق بىرىكمىلىرىنى تېخىمۇ ئاسان گىدرولىزلىيالايدۇ. بۇ ئېنزىمنىڭ كەڭ مۇۋاپىق ئاساسىي ماددىسى لېيتسىن ئامىنو پېپتىدازا - دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاقسىل، پېپتىدلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشلىرىنى ئانالىز قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.