Uyghur主要词典
ئالبرېخت
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1100 - 1170) لەقىمى <چوڭ ئېيىق>. براندېنبۇرگ كىنەزى (1150 - 1170). 1134-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى كورۇلى لوتار Ⅱ ئۇنىڭغا شىمالىي ماركنى مۆھۈرلەپ بەرگەن. 1147-يىلى ساكسونىيە ۋە باۋارىيە گېرتسوگى ھىنرى (شىر) بىلەن بىرلىشىپ پولابېسكىي سلاۋيانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان؛ 1150-يىلى برانىبورنى ئىگىلەپ، ئۇنى براندېنبۇرگقا ئۆزگەرتىپ، براندېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان. ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يەرلىك سلاۋيانلارنى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ، نېمىسلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ھەمدە گېرمانىە ۋە نىدېرلاندىيىدىن كۆپلىگەن مۇستەملىكىچىلەرنى چاقىرىپ كەلگەن. 1162-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (<قىزىل ساقال>) بىلەن بىللە ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغان.