Uyghur主要词典
ئالبانىيە مەتبۇئات جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى1879-يىلى ئالبانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى ئىستانبولدا قۇرغان سىياسىي تەشكىلات. قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەخپىي پائالىيەتە كۆچۈپ، مىللىي ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىك مەركىزىگە ئايلانغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرى ساماى فراشېرى، نائىم فرانشېرى، ج. ۋرېتو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1884-يىلى 8-ئايدائىستانبولدا ئالبانىيە تىلىدىكى <دېلتا> (<نۇر>) قەرەللىك ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، 1887-يىلى ئۇنىڭ نامىنى <دىتورىيە> (<بىلىم>) گە ئۆزگەرتكەن. بۇ ژۇرنال مىللىي ئازادلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان تەربىيە قورالىغا ئايلانغان. Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت نامىنى ئالبانىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىپ، داۋملىق مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتكەن، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ۋەتەنەننى ئازاد قىلىش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。