Uyghur主要词典
ئالبانىيە ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
1444-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالبانىيە گېرتسوگلىرى لېش شەھىرىدە تەشكىل قىلغان سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق. بۇنىڭغا مىللىي قەھرىمان ئىسكەندەر بېي باشچىلىق قىلغان. ئىتتىپاق تۈركلەرنىڭ ئالبانىيىگە بېسىپ كىرىشىگە ۋە ئۇنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئىتتىپاق ھەرقايسى ئەزالىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، بىرلىككە كەلگەن ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلىپ، ئىسكەندەربېينى مارشاللىققا تەيىنلىگەن. ئىتتپاقنىڭ خەزىنىسى بولۇپ، مەبلەغنى ئىتتىپاق ئەزالىرى تاپشۇرغان. ئىتتىپاقداش بەگلىكلەرنىڭ گېرتسوگلىرى ئۆزلىرىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى ئالبانىيىدىكى تۈركىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئەۋج ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.