Uyghur主要词典
ئال خامراخ ئوردىسى
دۇنيا تارىخى
مەنە تەرجىمىسى <قىزىل قورغان>. ئوتتۇرا ئەسىردە ماۋروسلار ھۆكۈمرانلىرى ئىپسانىيدە قۇرغان گرادانادا پاشىاھلىقىنىڭ ئوردىسى. 1354 - 1139 - يىللىرى قۇرۇلغان. ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 730 مېتىر، جەنۇبتىن - شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، ئېگىزلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان سېپىلى بار. ئۇ نۇرغۇن قەسىرلەردىن تەركىب تاپقان. جۈچ قەسىر، باش ئەلچىلەر قەسىرى، شىر ھويلا قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىر ھويلا ئېگىزلىكى 4.3 مېتىر كېلىدىغان 124 تال ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئەپچىل كارىدور ۋەكۈل رەڭ مەرمەر تاشقا ئويۇلغان 12 شىر ئارىغا ئېلىپ تۇرغان فونتانلىق بۇلاق بىلەن مەشھۇر. ئوردا تاملىرىدا رەڭگى چاقناپ تۇرىدىغان گەچج زىننەتلەر ۋە ئەرەب يېزىقىدىكى نەقىشلەر بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس كۆرۈنىدۇ.