Uyghur主要词典
ئالبىچىلار
دۇنيا تارىخى
ⅩⅡئەسىردىن ⅩⅢ ئەسرگىچە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى لانگېدوك رايونىدا كەڭ تارقالغان خىرىستىئان دىنىغا يات مەزھەپ. ئالبى شەھىرىنى پائالىيەت مەركىزىي قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالبىچىلار دەپ ئاتالغان. پاكلارغا مەنسۇپ، ئۇلار پانى دۇنيادىكى بارلىق كائىنات خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئىبلىس (شەيتان) نىڭ ۋەسۋەسىگە سالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار كاتولىك دىنى تەرغىپ قىلغان تىرىنىتى (خۇدا، خۇدانىڭ ئوغلى، روھ بىر گەۋدە بولۇش) قا، دوزاخ ۋە دوزاختا كۆيدۈرۈلۈش ۋەز - نەسىھىتىگە، شۇنداقلا چىركاۋ بەلگىلىگەن ھەرخىل دىنىي رەسىم - نەسىھىتىگە، شۇنداقلا نىسبەتەن ئىنكار قىلىش پوزىسىيىسىنى تۇتقان. شۇڭا بىر مەزھەپ ئېنىق ھالدا چىركاۋغا، فېئودلىزمغا قارشى خاراكتېرگە ئىگە. ئۇنىڭغا قول ھۈنەرۋەنلەر، دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقى قاتناشقاندىن باشقا، يەنە چىركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز چۆنتىكىگە سالماقچى بولغان بىر قسىم رىتسارلار ۋە يەرلىك فېئودال تەپرىقىچى ھاكىمىيەتنى كۈچىنىڭ بارىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاقسۆڭەكلەرمۇ قاتناشقان. كېيىن رىم پاپاسى باشچىلىقىدىك ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. <ئالبىچىلار ئۇرۇشى> غا قاراڭ.