Uyghur主要词典
ئالبىچىلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1209 - 1292 - يىللىرى رىم پاپاسىنىڭ ئالبىچىلارغا قوزغىغان ھەربىي جازا يۈرۈشى. ⅩⅡ ئەسىردىلا پاپا ۋە كاتولىك چېركاۋى ئابىچىلارغا ھەر خىل باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ نەتىجە قازىنالمىغان. تولۇزا گرافى رايوموند Ⅵ (1561 - 1222) فرانسىيە كورۇلى ۋە پاپا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەپرىقىچى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئالبىچىلارنى قوللىغان. 1209-يىلى پاپا ئىننوسېن Ⅲ جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەھلىسەلىپ قوشۇنى تەشىكىللەپ، ئۇنىڭغا سىتو مۇناستىرىنىڭ باشلىقى ئارنولدنى ۋە سىمون دې مونتفورت (تەخمىنەن 1160 - 1218) نى باشلىق قىلغان. شۇ يىلى ئەھلىسەلىپ قوشۇنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، تىنچ ئاھالىلەرنى قانلىق قىرغىن قىلىپ، مال - مۈلۈكلەرنى بۇلاپ - تالىغان، 1213- يىلى ئالبىچىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 1216-يىلى تولۇزا خەلقى ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ياۋۇز ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە 1218-يىلى سىمون دې مونتفورتنى ئۆلتۈرگەن. 1226-يىلى فرانسىيە كورۇلى ليودۋىڭ Ⅷ ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان. 1229-يىلى ئالبىچىلار ئاخىر مەغلۇپ بولغان. تولۇزا كىنەزلىكى فرانسىيە كورۇلىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېتىلگەن.