Uyghur主要词典
ئاچقۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلۇپنى ئاچىدىغان ئەسۋاب.
زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ _ ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. كىلىت بولۇپ كەلدىڭ، ئويۇنچۇق ئەمەس، ھەممە خەزىنىنى ئاچالىساڭ بەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇلۇپنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مېتال ئەسۋاب.
جامى سەكرەپ چۈشۈپ ئاچقۇچ بىلەن ئىت كاللىسىدەك يوغان ئورۇس قۇلۇپىنى ئاچتى.
<ماشىن> بىرەر مېخانىزمنى بۇراپ يۈرگۈزۈش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئىشقا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىىدغان مېتال ئەسۋاب.
ئاپتوموبىل ئاچقۇچى. تام سائىتىنىڭ ئاچقۇچى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئىجابىي ئامىل؛ چارە، تەدبىر.
تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى - پەن - تېخنىكىنى زامانۋىلاشتۇرۇش.
كۆچمە <مەت> لۇغەتلەردە زۆرۈر تېپىلغان سۆزلەرنى ئىزدەشتە قوللىنىدىغان جەدۋەل، گرافا.
لۇغەتنىڭ ئاچقۇچى.