Uyghur主要词典
ئاچ كىرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇراپىي ئەقىدە: كىشىلەرنىڭ قارىشى، سۆزلىشى سەۋەبىدىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقماق.
«قاغا ئاشلىغىدەك بالىسىنى، بۇلبۇلنىڭ ئېچى كىردى» دەپ. ھويلىدىكى ئۈجمەڭگە ئوت كەتتىمۇ نېم بولدى؟ تىلى بۇلبۇل دامۇللام كۆز تەگدىمۇ، نېم بولدى؟ ساڭا تىلىم تەگمىسۇن، بوينۇڭغا ئاسقىن تىلتۇمار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خۇراپىي چۈشەنچىدە تاماق يەۋاتقان كىشىگە باشقا بىر كىشىنىڭ ئاچ كۆزلۈك بىلەن قارىشى نەتىجىسىدە تاماق يەۋاتقان كىشىدە قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئەسنەشكە ئوخشاش بىر خىل ھالەت يۈز بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال تۇغقان.
پاتەمخان مېنىڭ ئاچام.
ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۈرمەتلەشتە ئېيتىلىدۇ.
ئىشىك چېكىشنىمۇ ئۇنتۇپ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلگەن پەرھاتنى گۆھەرنىساخان ئاچا قىزغىن كۈتۈۋالدى.