Uyghur主要词典
ئاچ كۆز تويماس بېخىل بېيىماس
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«ئاچ كۆز تويماس ،بېخىل بېيىماس» بۇ، كۆزى ئاچ، نەپسى يامان ئادەملەر يېمەك - ئېچمەكنى كۆرگەندە نەپسىنى يىغالمايدۇ، تويغىنىنى بىلمەيدۇ؛ پىخسىق، بايلىقى كۆپەيگەنسېر شۈكۈر - قانائەت قىلماي، تېخىمۇ كۆپەيتىشكە، بېيىشقا تىرىشىدۇ، ئەمما بېخىللىقىدىن راۋاج تاپالمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.