Uyghur主要词典
ئاچلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىراندا يۈز بەرگەن ئاچلار قوزغىلىڭى، 1903 - 1904-يىللىرى ئىراندا زور ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. كەينىدىنلا تېھران، ئىسفاھان، تەبرىز، مەشھەد قاتارلىق جايلاردازور كۆلەملىك ئاممىۋى توپىلاڭ كېلىپ چىققان. پۇقرالار بېسىمدار سودىگەرلەرنىڭ ئاشلىق دۇكانلىرىنى، گۆشخانىلىرىنى ۋە ئامبارلىرىنى ۋەيران قىلغان. مەككار سودىگەرلەرنىڭ ئاشلىقلارنى بېسىۋېلىشىغا، يېمەكلىكلەر باھاسىنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى تۇرغان، شۇنىڭدەك چىرىك - خىيانەتچى ھۆكۈمەتكە ئاشكارا قارشى تۇرغان. قوزغىلاڭ تېزلىكتە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلغان. پادىشاھ باش ۋەزىرنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن قوزغىلاڭ بېسىلمىغان.