Uyghur主要词典
ئاچماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① توسۇپ تۇرغان توساقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويماق ياكى ئېلىپ تاشلىماق:[مىسال:] پەردىنى ئاچماق. يول ئاچماق. * قورقما، ھەي زۆرەم مەن سادىق، ئىشىكنى ئاچ.[يەشمىسى:] ② ئورالغان، يېپىلغان، چىگىلگەن، كۆمۈلگەن نەرسىلەرنى شۇ ھالەتتىن خالىي قىلماق:[مىسال:] ساندۇقنى ئاچماق. قۇلۇپنى ئاچماق. ئورىنى ئاچماق. * ئون قەدەم ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال ئارقىسىغا قاراپ، بېشىدىكى پەرەنجىسىنى ئېچىپ بىر قارىدى-دە، يەنە گەپ قىلماي ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى.[يەشمىسى:] ③ قاتلانغان، يىغىلغان، پۈكۈلگەن، پوملانغان نەرسىلەرنى يايماق، كەرمەك:[مىسال:] كىگىز ئاچماق. قۇچاق ئاچماق. * ئانار ئۆزىمۇ ئانىسى ئېلىپ چىققان داستىخاننى ئېچىپ، ئانىسىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ④ قۇرۇپ، ياساپ، پۈتتۈرۈپ ئىشقا چۈشۈرمەك، پائالىيەت باشلىماق:[مىسال:] مەكتەپ ئاچماق. دۇكان ئاچماق.[يەشمىسى:] ⑤ نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتىنى، سىرىنى ئاشكارىلىماق؛ ئېنىقلىماق، يەشمەك:[مىسال:] تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئاچماق. ئەپت-بەشىرىسىنى ئاچماق. زىددىيەتلەرنى ئاچماق.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر نەرسىنىڭ ھەرىكىتىگە يول بەرمەك؛ باشلىماق، ئاققۇزماق:[مىسال:] گەپ ئاچماق. سۆز ئاچماق. سۇ ئاچماق.[يەشمىسى:] ⑦ ئۆزلەشتۈرمەك، پايدىلانغۇدەك قىلماق، ئىشقا كىرىشتۈرمەك:[مىسال:] يەر ئاچماق. كان ئاچماق. نېفىتلىكنى ئاچماق.[يەشمىسى:] ⑧ كۆپچىلىكنى بىريەرگە يىغىپ مۇزاكىرە قىلماق ياكى بىرەر ئىشنى، مەقسەتنى ئۇقتۇرماق:[مىسال:] مەجلىس ئاچماق.[يەشمىسى:] ⑨ خۇشال قىلماق، شادلاندۇرماق:[مىسال:] ئۇلار ئوۋ ئوۋلاپ، سەيلە-تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىپ باشقا يەرگە يۈرۈپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] 01 كۈچەيتمەك، راۋاجلاندۇرماق، ئۆستۈرمەك:[مىسال:] كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ.[يەشمىسى:] 11 ماڭدۇرماق، ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] رادىئونى ئاچماق. تېلېۋىزورنى ئاچماق.[يەشمىسى:] 21 ھۆسنىگە ھۆسن قوشماق، گۈزۈللەشتۈرمەك:[مىسال:] ئىران نۇسخىلىق يېڭى گىلەم ئۆينى بەك ئچېىپتۇ.