Uyghur主要词典
ئاچ زار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئاچ - زار» يېمەكلىك يېمىگەن، قورساقتا يېگەن نەرسە قالمىغان ئەھۋال.
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس. ئاچ ئېيىق ئوينىماس. ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا. ئاچ قورساققا ئاچچىقسۇ. ئاچ نېمىنى يېگۈزمەيدۇ، ئاچچىق نېمىنى دېگۈزمەيدۇ. ئاچ - زار ياشىغۇچە ئامال قىل. ئاچ - زېرىن يۈرگەندىن ئىشلەپ يۈرۈپ ئۆل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاچ قالغان ۋە زارلانغان، جاپا - مۇشەققەت تارتقان، كۈنى ئېغىر.
شەرۋانىخان بىلەن رەنا ئۇزۇن يوللارنى ئاچ - زار، ھالسىز باسقان بولسىمۇ، قىيىنچىلىقلارغا قىلچە پەرۋا قىلمىدى.