Uyghur主要词典
تورسىمان ئېندوتېلىيە سىستېمىسى
领域: بىئولوگىيە<ماكروفاگ سىستېمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم تېنىدىكى يۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلاردىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى، لىمفا ھۈجەيرىلىرى، يىلىك ھەم تالدىكى تورسىمان ھۈجەيرىلەر، جىگەر قان سىنوسىدىكى يۇلتۇزسىمان ھۈجەيرە (كۇپفېر ھۈجەيرىلىرى)، بۆرەك ئۈستى بېزى ۋە گىپوفىز بېزى قان سىنوسىدىكى ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرى، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئارىلىقىدىكى چاڭ - توزان ھۈجەيرىلىرى، قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىر يادرولۇق ھۈجەيرىلەر، مېڭە يۇلۇندىكى كىچىك يىلىم ماددىلىق ھۈجەيرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەر ۋە بەدەنگە كىرگەن كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى يۇتۇپ ھەزىم قىلىۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ ھاسىل بولۇشى قان ئىشلىگۈچى ئورگانلارنىڭ تورسىمان ھۈجەيرىلىرى ۋە قان سىنوسى ئىچىدىكى ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرىگە كۆپرەك مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا <تورسىمان ئېندوتېلىيە سىستېمىسى> دەپ ئاتالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。