Uyghur主要词典
تورسىمان تالا
بىئولوگىيە
بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما تالالىرىنىڭ بىرخىلى بولۇپ، لىمفا تۈگۈنى قاتارلىق تورسىمان توقۇلمىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئادەتتىكى بوياش ئۇسۇللىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا، بويىلىشى ناھايىتى سۇس، لېكىن كۈمۈش بىرىكمىلىرىنى ئىشلەتكەندە بۇنداق تالالارنى ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا <كۈمۈشكە مايىل تالالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ كوللاگېن تالاسىنىڭ ئالدىنقى تەنچىسى بولغاچقا بەزىلەر ئۇنى <پرېكوللاگېن تالاسى> دەپ ئاتىغان. تالا دېئامېتىرىنىڭ چوڭلۇقى ئوخشاشمايدۇ، تارماق شېخى كۆپ، ئۆزئارا تۇتىشىپ تورىسمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، خۇسۇسىيىتى ئەۋرىشىم، لېكىن ئېلاستىكىلىقى يوق. ئۇنىڭ ئىسسىققا چىداملىقى ھەم خىمىيىۋى ماددىلارغا قارشى كۈچى كوللاگېن تالاسىغا قارىغاندا كۈچلۈك.