Uyghur主要词典
تورسىمان نېرۋا سستېمىسى
پسىخولوگىيە
بۇ ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئىپتىدائى نېرۋا سىستېمىسى. كاۋاك ئىچلىك ھايۋان (مەسىلەن، ھىدرانىڭ) لارنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىسى بەدىنى ئىچىدە تەرتىپسىز ھالدا تارىلىپ جايلاشقان بولۇپ، نېرۋا تالالىرىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشى ئارقىلىق، شالاڭ نېرۋا تورى شەكىللەنگەن بولىدۇ، مانا بۇ خىل نېرۋا تورى « تورسىمان نېرۋا سىستېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. نېرۋا تورى يەنە سەزگۈ ھەجەيرىلىرى، تېرە، مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى بىلەنمۇ تۇتاشقان بولىدۇ. كاۋاك ئىچىلىك ھايۋانلاردا نېرۋا مەركىزى بولمايدۇ. قوزغىلىشنىڭ ئۇزىتىلىشىدا مۇقىم يۆنۈلۈش يوق. ئەگەر كاۋاك ئىچىلىك ھايۋان بەدىنىنىڭ بىر يېرىگە تەسىر قىلىنسا، بۇ تەسىر نېرۋا تورى بويلاپ بەدىنىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدىنىنى قىسقارتىش، ئۇزارتىشتەك رىئاكسىيە يۈز بېرىپ، ھايۋان ئۆزىنى زىيانلىق تەسىردىن ساقلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تورسىمان نېرۋا سىستېمىسى «دىففۇز نېرۋا سىستېمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىدوزىنىڭ كۈنلۈكسىمان ئىچكى يۈزىدىكى كۆزنەكلىر (كۆزىسىمان نۇقتىلار) ئەتراپىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ( توپلانغان) بولسىمۇ، لېكىن مېڭە ۋە باشقا نېرۋا تۈگۈنلىرىدىن تەشكىل تاپقان نېرۋا سىستېمىسىنڭ بارلىقى كۆرۈنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىدوزىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى يەنىلا تورسىمان نېرۋا سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ.