Uyghur主要词典
تورسىمان تۈزۈلۈش
بىئولوگىيە
ئۈستىدە دۆڭچە مېڭىدىن تۆۋەندە مېڭىنىڭ ئۈستۈنكى ئوزۇنچاق قىسمىغىچە بولغان مېڭە غولىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نېرۋا تۈزۈلۈشى ئۇ ئۇزۇنغا ۋە توغرىسىغا كېسىشكەن نېرۋا تالالىرى بىلەن نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىلاش تارقىلىپ ئۆزئارا گىرەلىشىش نەتىجىسىدە تورسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا ئۇ <تورسىمان تۈزۈلۈش> دەپ ئاتالغان. تورسىمان تۈزۈلۈش مېڭە غولىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كەڭ رايوندا بولۇپ، چوڭ مېڭە، كىچىك مېڭە ۋە يۇلۇنلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىش يولى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا تورسىمان تۈزۈلۈشتە ئۈستىگە ماڭغان سىستېما ۋە تۆۋەنگە ماڭغان سىستېما بولىدۇ، ئۈستىگە ماڭغان سىستېما ئوخشىمىغان مەنبەلىك سېزىم ئىمپۇلسلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلەن، كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تەم سېزىملىرىنىڭ سىرتقى رېتسىپتورلىرىنىڭ كىرگۈچى ئىمپۇلسى ۋە مۇسكۇل، مۇسكۇل سىڭىرى، بوغۇم ھەم ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىچكى رېتسىپتورلىرىنىڭ كىرگۈچى ئىمپۇلىسى تورسىمان تۈزۈلۈش ئارقىلىق كۆپ قېتىم ئۇلىنىشتىن كېيىن دۆڭچە مېڭىدىكى خاس بولمىغان پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېمىغا (<خاس بولمىغان پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېما> غا قارالسۇن) يەتكۈزۈلۈپ ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ مېڭە پوستلىقىغا بارىدۇ. تۆۋەنگە ماڭغان سىتېمىدىكى تورسىمان تۈزۈلۈش يۇلۇن باغلىمى مېڭە غولىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ يۇلۇنغا بارىدۇ. تورسىمان تۈزۈلۈش چوڭ مېڭە پوستلىقى، سىزىقسىمان تۈزۈلۈش، دۆڭچە مېڭە، كىچىك مېڭە قاتارلىقلاردىن كىرگەن ئىمپۇلسنى قوبۇل قىلمايدۇ. يۇلۇننىڭ ھەرىكەت پائالىيىتىگە قارىتا تورمۇزلاش ۋە ئاسانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، مۇسكۇل جىددىيلىكىنى تورمۇزلاش ياكى مۇسكۇل جىددىيىلىكىنى كۈچەيتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. تورسىمان تۈزۈلۈشتە يەنە ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەيدىغان نېرۋا مەركەزلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇزۇنچاق مېڭە ۋە كۆۋرۈك مېڭە قىسمىنىڭ تورسىمان تۈزۈلۈشىدىكى نەپەسلىنىش ھەرىكەت مەركىزى، يۈرەك پائالىيىتى مەركىزى، قان تومۇر ھەرىكىتى مەركىزى، شۆلگەي ئاجرىتىش مەركىزى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن تاشقىرى تورسىمان تۈزۈلۈش يەنە ئۇخلاش ۋە ئويغىنىش (<خاس بولمىغان پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېما> غا قارالسۇن) نىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيەتلىرىگىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.