Uyghur主要词典
تورغاي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى، جۇغى كىچىك، قاناتلىرى ئۇزۇن، تۇمشۇقى سوزۇنچاق بولىدۇ، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، قۇرت - قوڭغۇز يەيدۇ.
«تۇمۇچۇق» چىرايلىق سايرايدۇ.
قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس. ئاسماندىكى تۇرنىدىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ياخشى. قوزا بىلەن تەڭ ئۇخلا، تورغاي بىلەن تەڭ تۇر. تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ. تۇمۇچۇق يات يۇرتتا سايرىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
قاناتلىرى سۇس قوڭۇر، قارا رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، تۇمشۇقى كىچىك ۋە ئۇچلۇق، قانىتى چوڭ، ئېگىز ئۇچىدىغان، يېقىملىق سايرايدىغان بىر خىل قۇش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تورغاي؛ دالا قۇشقىچى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئېتىز، دالىلاردا ياشايدىغان، سەھەردە چىرايلىق سايرايدىغان قۇشنىڭ نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
توغاي
سەھەر پەيتىدە چىرايلىق سايرايدىغان بىر خىل قۇش