Uyghur主要词典
تونۇشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تونۇماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى سىرتقى يۇرتقا كەتكەن تۇغقانلىرىمىز مېنى بىر قاراش بىلەنلا تونۇشمىدى.
بىرەر كىشى بىلەن ئۆزئارا تونۇش بولماق، بىر - بىرىنى تونۇۋالماق، بىلىۋالماق.
بىز شۇ سائەتتىن باشلاپ بىر - بىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ، گويا بىر ئانىدىن توغۇلغان قېرىنداشلاردەك بولۇپ كەتتۇق.
بىلمەك، چۈشەنمەك، خەۋەردار بولماق.
ئەپەندىم زاۋۇت ئىشچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشتى.
تەپسىلىي كۆرۈپ چىقماق، ئۆگەنمەك.
لۇتپۇللا بىر قىسىم ئۇيغۇر، تاتار يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتى.