Uyghur主要词典
توۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۇناھ، خاتالىقلىرىنى ئىقرار قىلىش، ئۇلاردىن پۇشايمان قىلىش ۋە قايتا قىلماسلىققا نىيەت قىلىش.
توۋىدىن كېيىن گۇناھ يوق. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. توۋا _ ئىستىغپار قىلىپ، يەنە گۇناھ قىلىش گۇناھنىڭ ئېغىزى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن بېرىلگەن ۋەدە ياكى سورالغان ئۆزرە.
سەدىقە بالانى يەر توۋا گۇناھنى يەر. (ماقال)
ئىم. تەئەججۈپلىنىش، ھەيران قېلىشنى ئىپادىلەيدۇ.
- توۋا! - دېدى خەلچەم غۇدۇراپ، - نېمانچە خۇيلىنىش، بىر ئۆي دېگەندە ھەر كۈنى بەتتە پولۇ قايناۋەرمەيدۇ.