Uyghur主要词典
تونۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆزىگە تونۇشلۇق كىشى ياكى نەرسىنى كۆرۈنۈشىدىن ياكى مەلۇم بەلگىسىدىن بىلىۋالماق.
بېخىل باي بولسا، ئانىسىنى تونۇماس (ماقال).
بىلمەك، ئۇقماق.
بىز تەجرىبە - ساۋاقلاردىن بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش بىلەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتۇق.
ئۆز ئۈستىگە ئالماق، ئىقرار قىلماق.
سىز دەرھال خاتالىقىڭىزنى تولۇق تاپشۇرۇپ، خاتالىقىڭىزنى تونۇسىڭىزلا بولدى.
بىلمەك، پەرقلەندۈرمەك.
ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك (ماقال).
ئابىدەم بوسۇغىدا تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى پەرق ئېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئاۋازىدىن ئۇنىڭ سابىر ئىكەنلىكىنى تونۇدى.