Uyghur主要词典
تونۇشتۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تونۇشماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
لۇتپۇللا ئەغزەمنى تۇرغانغا تونۇشتۇردى.
مەلۇم بىر كىشى ياكى مەلۇم بىر ئىش توغرىسىدىكى تەسىراتى، قارىشىنى سۆزلەپ بەرمەك ياكى يازما ئىپادىلىمەك.
ئاگرانوم دېھقانلارغا ھەر خىل ئوغۇتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى.
بىراۋنى بىرەر تەشكىلات ياكى مەلۇم بىر كىشىگە لاياقەتلىك دەپ مەلۇم قىلماق.
يەر ئىسلاھاتىدا ئەبەيدۇللا ئايشەمخان ھەدىنىڭ يولدىشى سابىرنى پارتىيىگە تونۇشتۇرغانىدى