Uyghur主要词典
تونۇش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىمداش
بىلىش.
دادامغا، ئانامغا، قالمىش تونۇش _ بىلىشلەرگە سالام.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تونۇماقنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. ئۆز ئارا بىر _ بىرىنى تونۇماق.
تونۇشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق بىللە بولغان كىشى.
تونۇشۇڭ كۆپ بولسا، تېپىشىڭ كۆپ بولار. ناتونۇش پەرىشتىدىن تونۇش شەيتان ئەۋزەل. تونۇش _ بىلىشلەرنىڭ ياردىمى مۇھتاجلىقتىن چىقىرار.
پسىخولوگىيە
بۇ «پەرق ئېتىش» بولۇپ، ئىلگىرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن شەيئى قايتا گەۋدىلەنگەندە، ئۇنى بىلىشتىكى پسىخىك جەرياننى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىلگىرى ئىدراك قىلىنغان نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى تەكرار ئىدراك قىلغاندا، ئۇ نەرسە ياكى ھادىسە يادىمىزغا كېلىدۇ، مانا بۇنى تونۇش دەيمىز. تونۇش ھامان باشقا پسىخىك پائالىيەتلەر بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئىلگىرى ئىدراك قىلغان نەرسىنى قايتا ئىدراك قىلغاندىكى بىلىشتە تونۇش بىلەن ئىدراك قىلىش تەڭلا يۇز بېرىدۇ. ئىلگىرى ئويلىغانلىرىمىز يادىمىزغا كەلگەندە، شۇنداق ئويلىغانلىقىمىزنى بىلسەڭ، بۇمۇ تونۇش بولىدۇ. بۇ چاغدىكى تونۇش ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە يۇز بېرىدۇ. مەلۇم شەيئىگە باغلىنىشلىق ھېسسيات قايتا يۇز بەرگەندە، ئۇنى ئىلگىرى ھېس قىلغانلىقىمىزنى بىلسەك، بۇمۇ تونۇش بولىدۇ. بۇ چاغدىكى تونۇش ھېسسيات بىلەن تەڭ يۇز بېرىدۇ. مەسىلەن: تەجرىبىدىن ئۆتكەن شەيئىنى بەزىدە دەرھال تونۇۋالىمىز، بەزىدە قىسمەن تونۇشلۇق ھېس قىلىپ قالىمىز. بەزىدە خاتا تونۇپ قالىمىز. تونۇشتا قىيىنچىلىق يۇز بەرگەندە، ئەسلەش جەريانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. تونۇش بىلەن ئەسلەشنىڭ تۈپ پەرقى شۇكى، تونۇش قايتا ئىدراك قلىنغان ئوبيېكتكە قارىتىلغان، ئەسلەش خاتىرىمىزدىن ئىزدەنگەن نەرسە بولۇپ كۆز ئالدىمىزدىكى نەرسە ئەمەس، ئومۇمەن تونۇش ئەسلەشتىن ئاسانراق، لېكىن بەزىدە تونۇشمۇ ئەسلەشتىن تەس بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بىلىش، چۈشىنىش.
بۇ بالىنىڭ ھەرپلەرنى تونۇشى ۋە كۆچۈرۈپ يېزىشى ياخشى ئىكەن.
ئەسلەش، يادىغا كەلتۈرۈش.
مەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ ئەمدىلا تونۇشۇمغا، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىدى.
سۈپ. بۇرۇندىن تارتىپ بىلىدىغان، كۆرگەن؛ ئۇنىڭغا بۇرۇندىن مەلۇم بولان.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، ئىككىنچى تونۇش كىشى قولۇمنى قىستى.
ئى. مەلۇم بىر شەيئى ياكى مەسىلىگە قارىتا شەكىللەندۈرگەن مۇئەييەن قاراش، پىكىر، ئوي.
زاۋۇت پارتكومىنىڭ ئەزالىرى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى.