Uyghur主要词典
تونگو خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
بىرمىنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1531 - 1752). تونگو ئەسلىدە سىتتاك دەريا ۋادىسىدىكى بىرما مىللىتىنىڭ ئېلى بولۇپ، مىنكىنيو تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە (1486 - 1531) گۈللىنىشكە باشلىغان. مىنكىنيونىڭ ئوغلى تابىن شۋېختى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن تونگوخاندانلىقىنى قۇرۇشقا باشلاپ، 1539 - يىلى پېگۇ خانلىقىنى يوقىتىپ، بىرمىنىڭ ئوتتۇراۋە جەنۇبىي قىسىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پېگۇنى پايتەخت قىلغان. بايىننائۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1551 - 1581)، ئاۋا خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ھەرقايسى ئۇششاق ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ تايلاند ۋە لائۇسقا تاجاۋۇز قىلىپ ھەم ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، كۈچ - قۇدرىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرغان. بايىننائۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تونگو پرومې قاتارلىق بەگلىكلەر ئۆز ئالدىغا تەپرىقە بولۇۋالغان، تايلاند ۋە لائۇسمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇستەقىل بولغان، دۆلەتنىڭ كۈچى تېزدىن ئاجىزلاپ كەتكەن. 1599 - يىلى ئاراگان پادىشاھى بىلەن تونگو بەگلىكى بىرلىشىپ پېگۇغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئشغال قىلغان. پادىشاھ ناندا بايىن (1581 - 1599) ئەسىرگە چۈشكەن. 1600 - يىلى بايىننائۇڭنىڭ ئوغلى - ئاۋا بېگى نىيائۇڭ يەن (؟ - 1605) باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى بىرمىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئانائۇڭ پېنالۇن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە (1605 - 1628)، پورتۇگالىيىنىڭ سيرىيامدىكى مۇستەملىكە تايانچ پونكىتىنىڭ يوقىتىپ، بىرمىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1628 - يىلى پايتەختنى پېگۇغا يۆتكىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئاۋاغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىن، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچى كۈچلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، فېئودال تەپرىقىچىلىق كەسكىنلىشىپ، جەنۇبتىكى بېنگاللار قايتا باش كۆتۈرگەن. 1752 - يىلى بېنگاللار تەرىپىدىن يوقىتىلغان.