Uyghur←Chinese主要词典
تونگو خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
东吁王朝
dōng xū wáng cháo
بىرمىنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1531 - 1752). تونگو ئەسلىدە سىتتاك دەريا ۋادىسىدىكى بىرما مىللىتىنىڭ ئېلى بولۇپ، مىنكىنيو تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە (1486 - 1531) گۈللىنىشكە باشلىغان. مىنكىنيونىڭ ئوغلى تابىن شۋېختى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن تونگوخاندانلىقىنى قۇرۇشقا باشلاپ، 1539 - يىلى پېگۇ خانلىقىنى يوقىتىپ، بىرمىنىڭ ئوتتۇراۋە جەنۇبىي قىسىملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پېگۇنى پايتەخت قىلغان. بايىننائۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1551 - 1581)، ئاۋا خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ھەرقايسى ئۇششاق ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ تايلاند ۋە لائۇسقا تاجاۋۇز قىلىپ ھەم ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، كۈچ - قۇدرىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرغان. بايىننائۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تونگو پرومې قاتارلىق بەگلىكلەر ئۆز ئالدىغا تەپرىقە بولۇۋالغان، تايلاند ۋە لائۇسمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇستەقىل بولغان، دۆلەتنىڭ كۈچى تېزدىن ئاجىزلاپ كەتكەن. 1599 - يىلى ئاراگان پادىشاھى بىلەن تونگو بەگلىكى بىرلىشىپ پېگۇغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئشغال قىلغان. پادىشاھ ناندا بايىن (1581 - 1599) ئەسىرگە چۈشكەن. 1600 - يىلى بايىننائۇڭنىڭ ئوغلى - ئاۋا بېگى نىيائۇڭ يەن (؟ - 1605) باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى بىرمىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئانائۇڭ پېنالۇن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە (1605 - 1628)، پورتۇگالىيىنىڭ سيرىيامدىكى مۇستەملىكە تايانچ پونكىتىنىڭ يوقىتىپ، بىرمىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1628 - يىلى پايتەختنى پېگۇغا يۆتكىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئاۋاغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىن، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچى كۈچلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، فېئودال تەپرىقىچىلىق كەسكىنلىشىپ، جەنۇبتىكى بېنگاللار قايتا باش كۆتۈرگەن. 1752 - يىلى بېنگاللار تەرىپىدىن يوقىتىلغان.