Uyghur主要词典
تەبىئىي ئىش تەقسىماتى
دۇنيا تارىخى
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، جىنىس ۋە ياشقا قاراپ تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك ئاساس بويىچە يولغا قويۇلغان ئەمەگك ئىش تەقسىماتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەۋجۇت بولغان. كېيىن يىغىش، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئىش تەقسىماتى شەكلىگە ئايلانغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلى ئىگىلىك تارماقلىرى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ياش - قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئوۋچىلىق قىلىشى، بېلىق تۇتۇشى، ئۆي سېلىشى، قولۋاق ياسىشى، جەڭ قىلىشى، كېيىنچىرەك ئاساسلىق ھالدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى، ياش قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ يىغىش، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، بالىلارنى كۈتۈش ۋە يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ساقلاش ھەمدە تەييارلاش ئىشلىرىنى قىلىشى، كېيىنچىرەك ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى - بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى بولغان. قېرىلار ۋە بالىلار قوشۇمچە ئەمگەك كۈچى قىلىنغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەر - ئاياللار ئايرىم - ئارىم ھالدا ئۆزى ئىشلەتكەن قورالاrنىڭ ئىگىسى بولغان. تەبىئىي ئىش تەقسىماتى ئەر -ئاياللارنى ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە تەجرىبە توپلاش ۋەپ ىششىق ماھارەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئەر - ئاياللارنىڭ ئۇچرىشىشىنى چەكلەپ، بوغۇن بويىچە نىكاھلىنىشقىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قالدۇقى ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ تولۇقلىما شەكلى سۈپىتىدە سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان يېقىنقى زامان شارائىتىدىلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى بارغانسېرى تارىيىپ بارغان.