Uyghur主要词典
تەبىئىي شەرتلىك رېفلېكس
پسىخولوگىيە
بۇ، تەبىئىي شارائىت ئاستىدا شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكستۇر. مەسىلەن: تەبىئىي شارائىتتىكى يېمەكلىكىنىڭ شەكلى ياكى پۇرىقى ھامان يېمەكلىكىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلمايدۇ، ھەمدە ھامان ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش پائالىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. مۇشۇنداق يېمەكلىكنىڭ شەكلى ياكى پۇرىقى تەسىرىدە شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكس بىر خىل تەبىئىي شەرتلىك رېفلېكستۇر. ئادەملەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشلەردە ئىجتىمائىي شارائىت تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكسمۇ ئەنە شۇ خىلدىكى رېفلېكسكە كېرىدۇ. تەجرىبىخانىدەك سۇنئىي شارائىت ئاستىدىكى مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچى (ياكى تەبىئىي شارائىت ئاستىدىكى شەرتسىز رېفلېكس بىلەن مۇناسىۋەتسىز غىدىقلۇغۇچ) نى شەرتسىز غىدىقلىغۇچى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شەكىللەندۇرگەن شەرتلىك رېفلېكس «سۇنئىي شەرتلىك رېفلېكس» دەپ ئاتىلىدۇ.