Uyghur主要词典
تەبىئىي تاللىنىش
بىئولوگىيە
دارۋىن سۈنئىي تاللاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېڭى سورتلىرىغا ئېرىشىش تەجرىبىلىرىنىڭ يېڭى سورتلىرىغا ئېرىشىش تەجرىبىلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلاپ، جانلىقلار ئاساسەن تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ، دېگەن تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەبىئىي شارائىتنىڭ تەسىرىدە جانلىقلار ئۆزگىرىدۇ، ھاياتىغا پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر تەدرىجىي ھالدا يىغىلىپ كۈچىيىدۇ، ھاياتىغا پايدىسىز ئۆزگەرگەن ئىندىۋىدلار شاللىنىپ كېتىدۇ. جانلىقلار دۇنياسىدىكى تەبىئىي شارائىتقا ماسلىشالىغانلار ياشاپ، ماسلىشالمىغانلار شاللىنىپ كېتىدىغان بۇ خىل ھادىسە تەبىئىي تاللىنىپ دېيىلىدۇ. <دارۋىن تەلىماتى> غا قاراڭ.