Uyghur主要词典
تەبىئەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بارلىق مەۋجۇدات، ئالەمدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى.
تەبىئەت دۇنياسى.* تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش.* تەبىئەت دىئالىكتىكىسى.* تەبىئەت قارىشى.* تەبىئەتنى يېڭىلىغان ئەقىل _ ئىجادىي ئەقىل.* قېرىلىقتىن چۆچۈمە، تەبىئەت قانۇنى شۇ دە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1 . مىجەز، خۇلۇق، كەيپىيات، تۇرق.
ئادەمنىڭ تەبىئىتى.* ياخشى تەبىئەتلىك.* تەبىئىي نازۇك.* تەبىئىتىم كۆتۈرمەيدۇ.
ھەر كىمدە بولسا گەر ياخشى تەبىئەت،
ئادىمىيلىك يۈكسەك ئۇندا ناھايەت.
* * *
ئاچچىق قوغۇن ئېلىپ خۇش تەبىئەت كىشىدىن،
تاتلىقراقتۇر بەتپېئىلنىڭ شېرىكى، كىشمىشىدىن.
2 . تىبابەتتە كېسەل ۋە دورىنىڭ ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇق، ھۆللۈك ياكى قۇرۇقلۇق تەسىرى. لاچىننىڭ تەبىئىتى ئىسسىق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خاراكتېر،خۇلق، پەيل، ئەتۋار، مىجەز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خاراكتېر، خۇلق، مىجەز، پەيل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەتكە مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدىغان روھىي خىسلەت.
موھتاجلىق مىجەزنىمۇ بۇزىدۇ. قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقى ئۇندىن ئارتۇق. ھەر كىمدە بولسا گەر ياخشى تەبىئەت، ئادەملىك يۈكسەك ئۇندا ناھايەت. دۈشمەنلىكتىن ئەمەس چايان چېقىشى، شۇنداق تەبئىتى، پېئىلى، خاھىشى، ياخشى خۇلق جان ئوزۇقى. كىم تۈزىمەك بولسا جاھان خەلقنى، ئاۋۋال تۈزەتسۇن ئۆز خۇلقىنى، خۇيى تۇتسا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەس. پەيلى ياماندىن قورق. خاراكتېرى ئوبدان بالا ھەممىگە ياقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئالەمدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، بارلىق مەۋجۇدات.
تەبىئەت دۇنياسى. تەبىئەت ھادىسلىرى.
تەبىئەتتىكى يەر، سۇ، تاغ، ئورمان ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەنزىرىسى.
تەبىئەت ھۆسنىگە جان كىرگۈزگەن يامغۇر تامچىلىرى گويا ئاسما ئوكۇلنىڭ ئەينەك نەيچىسىدىكى تامچىغا ئوخشايتتى.
<تېب> ماددىنىڭ تىرىك ئورگانىزمغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىسسىقلىق تەسىرى.
بۇ دورىنىڭ تەبىئىتىى ئىسسىقا مايىل.
روھىي ھالەت، تۇرق، كەيپىيات، مىجەز.
ئۇلارنىڭ تەبىئەتلىرى بىر ئاز قوپال بولسىمۇ، لېكىن ئەزىمەت يىگىتلەر.